فىنلاندىيە رۇسىيەگە ئېچىلىدىغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى

فىنلاندىيە رۇسىيە بىلەن بولغان بارلىق چېگرالىرىنى تاقاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2065900
فىنلاندىيە رۇسىيەگە ئېچىلىدىغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىشكە تەييارلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە مالىيە مىنىستىرى، قوشۇمچە مۇئاۋىن باش مىنىستېر رىئىككا پۇررا Yle TV1 قانىلىنىڭ «ئا-سۆھبەت» ناملىق پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ: «ئەگەر تاقاش قارارىنىڭ چېگرا ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇرۇشقا پايدىسى بولمىسا، ئىنتايىن تۆۋەن ئېھتىماللىق بولسىمۇ، كېيىنكى قەدەمنى بېسىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، پۈتكۈل شەرق چېگرالىرىمىزنى تاقاپ، پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىنى شەرقىي چېگرادىن يىراق جايلارغا مەركەزلەشتۈرۈش» دېدى.

فىنلاندىيە مۇساپىرلارنىڭ تەۋەلىكىگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۈگۈن (18-نويابىر) دىن باشلاپ رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرالىرىدىكى توققۇز ئېغىزنىڭ تۆتىنى تاقاشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر