فىلىپپىندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى ئالتىگە يەتتى

فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بۇرياس رايونىدا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن 6.7 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 6 گە يەتتى.

2065908
فىلىپپىندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى ئالتىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقى — شىنخۇا، فىلىپپىن ئاپەت ئاگېنتلىقىنىڭ يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 6 گە يەتكەنلىكىنى، ئىككى كىشىنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىلىپپىن دۆلەتلىك ئاپەت خەۋپىنى ئازايتىش ۋە باشقۇرۇش كېڭىشى مۇدىرى ئېدگاردو پوساداس، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا كەم دېگەندە 450 كىشىنىڭ داۋالىنىشقا موھتاج ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن رايوندىكى بەزى بىنالار تالاپەتكە ئۇچرىغان، بەزى رايونلاردا قىسمەن توك توختاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر