نورۋېگىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

نورۋېگىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنى پەلەستىننى «مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا تەييار بولۇشقا چاقىردى.

2065688
نورۋېگىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەتنى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان «NewsInEnglish» خەۋەرلەر تور بېتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىرلەشمە ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى سۇنغان قارار تەكلىپى پارلامېنتتىكى 10 پارتىيەنىڭ سەككىزىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەردە قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، قاراردا «پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ ئۈزۈل - كېسىل تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈشىنى شەرت قىلماستىن، پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىنىشىنى تەلەپ قىلىندۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن.

كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قارارغا پەقەت خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن كونسېرۋاتىپ تەرەققىيات پارتىيەسىلا قارشى بېلەت تاشلىغان.

مۇتەخەسسىسلەر، نورۋېگىيەنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئەمما ئالدىنقى يىللاردا چىقىرىلغان قارارلارنىڭ مەلۇم شەرتلەرگە بېقىنىدىغانلىقىنى، پەيشەنبە كۈنى چىقىرىلغان بۇ قېتىمقى قارار ئارقىلىق پارلامېنتنىڭ تۇنجى قېتىم ھۆكۈمەتنى «پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىشقا  چاقىرغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

نورۋېگىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئاز ساندىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر