گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىكى پويىز ئىستانسىلىرىدا پەلەستىننى قوللاش مەقسىتىدە ئولتۇرۇۋېلىش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

2065505
گوللاندىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار شۇ يەر ۋاقتى سائەت 18:00 دە پايتەخت ئامىستېردامدىكى مەركىزى پويىز ئىستانسىسىغا يىغىلىپ، «ئەركىن پەلەستىن» ۋە «دەريادىن دېڭىزغىچە ئەركىن پەلەستىن» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ھالدا، «ئۇرۇش توختىتىش»نى تەلەپ قىلغان نامايىشچىلار، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

پەلەستىندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن بىر مىنۇت ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرغان نامايىشچىلار، ئارقىدىن كوللېكتىپ ھالەتتە پەلەستىنگە دۇئا قىلدى.

ئامىستېردام بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، روتتېردام، ئېيندخوۋېن، نىجمېگېن، لاھەي، ئوترېخت، برېدا ۋە گوللاندىيەنىڭ باشقا نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئولتۇرۇش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر