ئىسرائىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ب د ت غا «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى» دەپ باھا بەردى

ئىسرائىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكساندېر بېن سىۋى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2064278
ئىسرائىلىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ب د ت غا «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى» دەپ باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەلىك دىپلومات ئالېكساندېر بېن ب د ت غا «ۋاقىت ئىسراپچىلىقى» دەپ باھا بېرىپ: «مەن ب د ت نىڭ مەسىلىمىزنى ھەل قىلالايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىمەن. چۈنكى مەن ب د ت نىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلغانلىقىنى كۆرمىدىم. بۇ تەشكىلات ھازىرغا قەدەر ئىسرائىلىيە ئۈچۈن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ھېچقانداق ئىجابىي ئىش قىلىپ باقمىدى» دېدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس تېل ئاۋىۋنىڭ غەززەدىكى قىلمىشلىرىغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلمەكتە. گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنى پەلەستىن پۇقرالىرىنى قىرغىن قىلىشنى توختىتىش ۋە يەرلىك خەلققە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى ئېچىشقا چاقىرغانىدى.

بۇ سەۋەبتىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى گۇتېررېسنى تەنقىد قىلماقتا، ھەتتا ئۇنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىرماقتا. تېل ئاۋىۋ ب د ت ۋەكىللىرىگە ۋىزا بېرىشنى توختاتتى ۋە ب د ت نىڭ غەززەدىكى ئىمارەتلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلدى.

ت ر ت رۇسچەنىڭ خەۋەر قىلغىنىدەك، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئورگىنىنىڭ غەززەدىكى بىناسى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانىدى. ب د ت خىزمەتچىلىرى ھۇجۇمدىن 1.5 سائەت بۇرۇن بىنادىن ئايرىلغان بولغاچقا، ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر