ئسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇمى ئۇرۇش جىنايىتىدۇر

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى «ئۇرۇش جىنايىتى» سۈپىتىدە تەكشۈرۈش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

2064218
ئسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا قىلىنغان ھۇجۇمى ئۇرۇش جىنايىتىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ «تىببىي مۇئەسسىسىلەرگە، تىببىي خادىملارغا ۋە تىببىي قاتناش ۋاستىلىرىغا قىلىۋاتقان قانۇنسىز ھۇجۇملىرىنىڭ غەززەنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ ۋەيران قىلغانلىقىنى ۋە بۇنى ئۇرۇش جىنايىتى سۈپىتىدە تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.

تەشكىلات ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنى ھەققىدە مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنى جىددىي تەكشۈرۈش باشلاشقا چاقىردى.

باياناتتا: «ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 2023-يىلى 5 – نويابىردا «ھاماس دوختۇرخانىلارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ» دېگەن باھانىلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن تۇرۇغلۇق تېخىچە ئوتتۇرىغا ھېچقانداق پاكىت قويالمىدى. (پاكىت بولغان تەقدىردىمۇ) دوختۇرخانا ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى دائىرىسىدىكى قوغدىنىش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇشنى يوللۇق ھالغا كەلتۈرەلمەيدۇ» دېيىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 7-ئۆكتەبىردىن 7-نويابىرغىچە ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىغا، ئەل ئەھلى دوختۇرخانىسىغا، خەلقئارا كۆز ئاسراش مەركىزىگە، تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسىغا ۋە قۇددۇس دوختۇرخانىسغاى شۇنداقلا يېقىن ئەتراپقا قىلىنغان ھۇجۇملارنى تەكشۈرۈپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر