بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا غەززە خەلقىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايېۋۇدا بەش ھەپتىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان غەززە خەلقىنى ۋە پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى شۇنداقلا پىيادە يۈرۈش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا.

2063614
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادا غەززە خەلقىنى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى مۇستەقىل ياشلار مەجلىسى تەرىپىدىن باشچارشىدىكى تارىخىي بۇلاق ئالدىدا ئۇيۇشتۇرغان يىغىلىشقا مىڭلىغان كىشى قاتناشتى.

نامايىشقا قاتناشقان پۇقرالار «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭلار!»، «تۈنۈگۈن سرېبرېنىتسا، بۈگۈن غەززە!» ۋە «دۇنيا نېمىشقا سۈكۈت قىلىسەن؟!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ھەمدە پەلەستىن ۋە بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ پىيادە قىلدى.

توپلانغان كىشىلەر، غەززە رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى شۇنداقلا پۇقرالار، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللارنى قىرغىن قىلىشنى توختىتىش شوئارلىرىنى توۋلاپ، قورشاۋ ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا ئۆلتۈرۈلگەن كىچىك بالىلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا نامايىش قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر