فىرانسىسكو روككا ئىسرائىلەىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا «بولدى يېتەر!» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى

خەلقئارا قىزىل كرېست ۋە قىزىل ئاي جەمئىيىتى (IFRC) رەئىسى فىرانسىسكو روككا: «بولدى يېتەر! خەلقئارا جەمئىيەت غەززەدىكى ۋەزىيەتنى قانداق قوبۇل قىلالىسۇن؟ قۇددۇس دوختۇرخانىسىدىىكى بوۋاقلار ۋە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا» دېدى.

2063348
فىرانسىسكو روككا ئىسرائىلەىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا «بولدى يېتەر!» دەپ نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: روككا ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ۋە كۈچلۈك ھۇجۇملىرى ئاستىدىكى غەززەنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «بولدى يېتەر! خەلقئارا جەمئىيەت غەززەدىكى ۋەزىيەتنى قانداق قوبۇل قىلالىسۇن؟ قۇددۇس دوختۇرخانىسىدىىكى بوۋاقلار ۋە ئېغىر كېسەللەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا» دېدى ھەمدە ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.

فىرانسىسكو روككا غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ يېتىپ بېرىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە  يېقىلغۇنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ياردەملەرنىڭ غەززەنىڭ شىمالىغىمۇ يېتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خەلقئارا قىزىل كرېست ۋە قىزىل ھىلال جەمئىيىتى باش كاتىپى جاگان چاپاگايىنمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى باياناتىداپەلەستىن قىزىل ئاي جەمئيىتىنىڭ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەتكە قالغان قۇددۇس دوختۇرخانىسىنىڭ يېنىدا ئېغىر بومباردىمانلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

جاگان چاپاگايىن «بوۋاقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا، دوختۇرخانىلار چوقۇم قوغدىلىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر