بايېربوك پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئوتتۇرا شەرقتە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يولغا قويۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى.

2063163
بايېربوك پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىدە چىڭ تۇرۇشنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى مەنسۇپى سىياسەتچى، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك جۈمە كۈنى باشلانغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىسرائىلىيە زىيارەتلىرىدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ: «پەقەت ئىككى دۆلەت يانمۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەدىسىگە قايتىپ كەلگەندىلا، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىنلىكلەرگە تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىززەت – ھۆرمەتكە ئىگە تۇرمۇش نېسىپ بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ئەرەب قوشنىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ تارىخىي پۇرسىتىنى «قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك»لىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئەۋەتىلىشى، ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ياكى رايوندىكى زوراۋانلىقنىڭ  يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىدىمۇ، «پەقەت پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساقلا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتىمىز بار» دېگەن بايېربوك، غەززە ئۇرۇشىدا مىڭلارچە پۇقرانىڭ ھاياتىنىڭ نابۇت بولۇشىغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ «قىلچە ئىككىلەنمەستىن گېرمانىيەگە ئىشەنسە بولىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

بايېربوك غەززەدىكى كىشىلەرنىڭ ئازاب - ئوقۇبەتلىرىنى «مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ يېنىكلىتىش» ئۈچۈن سۇ، يېمەكلىك ۋە دورا قاتارلىق ئاساسلىق ئېھتىياجلارنى جىددىي تەمىنلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر