ئىسىرائىلىيە ھەر كۈنى تۆت سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدا پۇقرالارنىڭ تارقاقلىشىشى ئۈچۈن كۈندە تۆت سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2062821
ئىسىرائىلىيە ھەر كۈنى تۆت سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىستراتېگىيەلىك ئۇچۇر-ئالاقە كوردىناتورى جون كىربى بايانات ئېلان قىلىپ. غەززەنىڭ شىمالىدىكى پۇقرالارنىڭ رايوندىن تارقاقلىشىشى ئۈچۈن، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھەر قېتىملىق تۆت سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشتىن ئۈچ سائەت ئىلگىرى ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ رايونغا يەتكۈزۈلۈشىگە ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ «زىيانغا ئۇچرىماستىن رايوندىن تارقاقلىشىشى» غا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇرۇش توختىتىشلار، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ توقۇنۇش رايونلىرىدىن يىراقلىشىپ تېخىمۇ بىخەتەر رايونلارغا بېرىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى نۇقتىسىدىن تاشلانغان توغرا قەدەم» دېدى.

ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ «توقۇنۇشلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىش» توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن، پۇقرالارنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىن تارقاقلىشىشى ئۈچۈن ئېچىلغان كارىدورنىڭ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ بۇ ھەقتىلكى يازما باياناتىدا، «ئەسىرلىرىمىز قويۇپ بېرىلمەي تۇرۇپ، ئۇرۇش توختىمايدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل: «كىشىلەرنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدىكى توقۇنۇش رايونلىرىدىن تارقىلىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ئىككى ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورى تەسىس قىلىنىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھەر كۈنى 5-4 سائەت ئوچۇق بولىدىغان تۇنجى كارىدور، ھازىردىن باشلاپلا بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەر رايونغا بېرىۋېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى» دېدى.

ئۇ غەززە دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ئېچىلىدىغان ئىككىنچى كارىدورنىڭمۇ مىڭلارچە كىشىنىڭ جەنۇبتىكى بىخەتەر رايونغا بېرىۋېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى قاسسام بىرىگادالىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) ئەتىگەندە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ غەززە رايونىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر