سومالىدا شىددەتلىك يامغۇر يېغىپ 29 ئادەم قازا قىلدى

سومالىدا شىددەتلىك يامغۇر سۇ ئاپىتى پەيدا قىلىپ، 29 ئادەم قازا قىلدى، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى.

2061980
سومالىدا شىددەتلىك يامغۇر يېغىپ 29 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالى ئاپەت باشقۇرۇش ئورگىنى رەئىسى مۇھەممەد موئاللىن ئابدۇللاھ، تەخمىنەن 800 مىڭ كىشىنىڭ دۆلىتىدە ياغقان شىددەتلىك يامغۇرنىڭ  تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جۇبالاند ۋە غەربىي جەنۇبتىكى ئۆلكىلەر بىلەن گېدو، باي ۋە باكوئول شەھەرلىرىدە ياغقان شىدەتلىك يامغۇر ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبىدىن 300 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

سومالىدىكى كەلكۈن ئاپەتلىرىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە توختالغان ئابدۇللاھ، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە 29 كىشىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر