سېربىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار غەززە ئۈچۈن ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

سېربىيەنىڭ يېڭى بازار شەھىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى غەززە خەلقىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلىدى.

2061399
سېربىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار غەززە ئۈچۈن ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېربىيەنىڭ يېڭى بازار شەھىرىدىكى ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، سودا ۋە سەھىيە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شەھەر مەركىزىدە پەلەستىنلىك بالىلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە، پۇقرالارغا تاتلىق تۈرۈم ساتتى. چاچ ياساپ، ھۆسىن تۈزەش خىزمەتلىرىنى سۇندى. سەھىيە ئوقۇغۇچىلىرى كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىنى ئۆلچىدى. بۇلاردىن قولغا كەلگەن كىرىمنىڭ ھەممىسىنى پەلەستىندىكى بالىلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە توپلىدى.

دىن دەرسى ئوقۇتقۇچىسى ئېدىس ئۇژكانوۋىج ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ياردەم سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە، مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارلا ئەمەس، بەلكى ئورتودوكس ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈدى.

ئۇ: «ئوقۇغۇچىلىرىمىز غەززدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا قاراپ تۇرمىدى. غەززەدىكى بالىلارغا قانداق ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئويلاپ،بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ پائالىيەت، بالىلارنىڭ ئاقكۆڭۈل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ يەرگە ياردەم ئۈچۈن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلىرىمىز كەلدى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك خىراجەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، پەلەستىندىكى بالىلارغا ئىئانە قىلدى.  بۇلارنىڭ ھەممىسى ياشلارنىڭ كۈچى. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى پەقەت مەنىۋى جەھەتتىن قوللىدۇق» دېدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، پائالىيەتتە، تاتلىق تۈرۈملەر، پەلەستىن بايرىقىنىڭ رەڭگىدىكى كىيىم-كېچەكلەر، ھۆسىن تۈزەش خىزمەتلىرى، چاچ ياساش، قان بېسىمى ئۆلچەش قاتارلىق خىزمەتلەر ناھايىتى ئەرزان باھادا سۇنۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر