ھاماس ب د ت دىن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

ھاماس ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنى «مۆكۈنۈش جايى» قىلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقى ۋە «تونېللارنى قازغانلىقى» توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنى بۇنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق كومىتېت قۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى.

2060853
ھاماس ب د ت دىن تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلار توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسقا چاقىرىق قىلىنغان باياناتتا، غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارالىق كومىتېت قۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا غەززەدىكى دوختۇرخانىلار توغرىسىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى غەززەنىڭ شىمالىدىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسى ۋە قاتار دوختۇرخانىسىغا قاراتقان تەھدىتلىرىنى، ھاماسنىڭ بۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئاستىدا تونېللار قازغانلىقىنى ۋە بۇلاردىن راكېتا ئېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ توغرا چىقىرىشقا ئۇرۇندى. بۇ، پۇقرالارغا، دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقان بىمالارغا ۋە يارىدارلارغا قارشى داۋاملشىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئاقلاش ئۈچۈن قىلىنغان يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

باياناتتا، رايوندىكى ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىدا تونېل تېپىلغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ: «ئەسلىدە دوختۇرخانىنىڭ يېقىلغۇ ئىسكىلاتى ئۈچۈن سېلىنغان بىر ئۆيى بار، قۇرۇلۇش خەرىتىسى بىلەن رەسىملەر بۇنى ئىسپاتلايدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، ھاماد دوختۇرخانىسىدا تونېل تېپىلغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلەرنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى ۋە دوختۇرخانىنىڭ ئاستىدا گېنېراتورلار قويۇلغان بىر ئۆينىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

«ئىسىرائىلىيە ئارمىيە باياناتچىسىنىڭ ھاماسنىڭ يېقىلغۇ ئوغرىلىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزلىرىمۇ يالغان. بۇ ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى تەرىپىدىنمۇ رەت قىلىندى.»

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى دانىيال خاگارى ھاماسنىڭ غەززەدىكى قاتار، شىفا ۋە ھىندونېزىيە دوختۇرخانىلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەزى ئاۋاز لىنتىلىرى، فوتوگرافلار ۋە گىرافىكلارنىڭ بۇنىڭغا ئىسپات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىسىرائىلىيە غەززەدىكى شىفا دوختۇرخانىسى، ناسىر بالىلار دوختۇرخانىسى، ئەلئەھلى پاپتست دوختۇرخانىسى، تۈركىيە-پەلەستىن دوستلۇق دوختۇرخانىسى، پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ قۇددۇس دوختۇرخانىسى ۋە ھىندونېزىيە دوختۇرخانىسىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.

بومباردىماندا، يۈزلەرچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار يارىلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر