ئابدۇللاھىيان ھەنىييە بىلەن تېلېفونلاشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، پەلەستىندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

2059837
ئابدۇللاھىيان ھەنىييە بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھىيان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن كەچتە ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى؛ تېلېفون سۆھبىتىدە، پەلەستىننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە  مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«تېلېفون سۆھبىتىمىزدە، غەززە رايونى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدۇق.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييە 31 – ئۆكتەبىر كۈنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

 ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلارچە كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر