بلىنكېن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

2059231
بلىنكېن تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 5 – نويابىر (2023) كۈنى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىكەن.

بلىنكېن ئەتە (3-نويابىر) ئىسرائىلىيە ۋە ئىيوردانىيەنى تەكرار زىيارەت قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار پارتلىغان 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىسرائىلىيەنى ئۈچىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان بولىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماتتېۋ مىللېر بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بلىنكېننىڭ جۈمە كۈنى ئىسرائىلىيە ۋە ئىيوردانىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بلىنكېن ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى قايتا تەكىتلەيدۇ، شۇنداقلا  بارلىق تەدبىرلەردىن پايدىلىنىپ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بىلەن  ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋامىدا، 315 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1400 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن، 5132 كىشى يارىلانغان.

10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 17 گە يەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىيال خاگارىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ قولىدا 240 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 3648 بالا ۋە 2290 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 8796 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، 22 مىڭ 219 ئادەم يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر