ۋون دېر لېيېن سېربىيەدە زىيارەتتە بولدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن، يەر شارىدا داۋالغۇش كۈچىيىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، كېڭىيىش مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈنتەرتىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2058633
ۋون دېر لېيېن سېربىيەدە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رەئىسى ۋون دېر لېيېن تۈنۈگۈن (31-ئۆكتەبىر) سېربىيەدە پىرېزىدېنت ئالېكساندر ۋۇجىچ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات بېرىپ: «بىز سېربىيەنىڭ ئىتتىپاققا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ تەكلىپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان تىنچلىق ۋە گۈللىنىش ۋەدىسىدۇر» دېدى ۋە سېربىيەنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سېربىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراپ ئەڭ ياخشى ئىلگىرىلەۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سېربىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سېربىيەگە ئىشىنىشنى ۋە ئۇنى ئورتاق پىرىنسىپ، ھەمدە قىممەت قاراشلارغا ئىگە ئىشەنچلىك ياۋروپالىق شېرىك سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋۇجىچ بولسا، سېربىيەنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى، مەجبۇرىيىتىنى بىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ۋۇجىچ، ئۆزىنىڭ سېربىيە ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ ھېچقانداق ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى ۋە سېربىيەنىڭ بۇ نۇقتىنى غەربتىكى شېرىكلىرىگە بىر قانچە قېتىم مەلۇم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزگە نىسبەتەن، كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش مەسىلە ئەمەس، مەن بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پىرىشتىنەنىڭ بىردىنبىر مەجبۇرىيىتىنىڭ سېربىيە شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى قۇرالمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋۇجىچ، سېربىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش يولىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ماسلاشماسلىقى ، يەنى سېربىيەنىڭ رۇسىيەگە جازا يۈرگۈزمىگەنلىكى ۋە سېربىيەنىڭ پىرىشتىنە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر