قاسسام بىرىگادىلىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشىغا 20 يىل كېتىدۇ

ھاماسنىڭ قوراللىق قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى بەزى چەت ئەللىك ئەسىرلەرنى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ۋاستىچىلارغا ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2058800
قاسسام بىرىگادىلىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشىغا 20 يىل كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاسسام بىرىگادىلىرى باياناتچىسى ئەبۇ ئۇبەيدە تارقاتقان ۋىدېئوسىدا، ئىسىرائىلىيەنىڭ قورشاۋى ئاستىدىكى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسىرائىلىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ئەسىرلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن تەلەپلەر بويىچە قوللىرىدىكى بەزى چەت ئەللىك ئەسىرلەرنى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇشنى خالىمىغانلىقلىرى ئۈچۈن پات يېقىندا قويۇپ بېرىدىغانلىقلىرىنى ۋاستىچىلارغا ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ئۇلارنى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس» دېدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ بىر ئەسكىرىنى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى بىلەن قۇتقۇزغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ قاسسام بىرىگادىلىرى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئەسىرلەرنى تېپىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى ۋە بۇنىڭ غەززەدە باشقا گۇرۇپپىلار ياكى شەخسلەرنىڭ قولىدىكى ئەسىرلەردىن بىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ئەگەر باش مىنىستىر نېتانياھۇ بىر ئەسىرنى بىر ئايلىق ئۇرۇشتىن كېيىن قۇتقۇزۇلغانلىقى توغرىسىدا ماختانسا ۋە بۇنى تەبرىكلىسە، غەززەدىكى قالغان ئەسىرلەرنى بۇ ئۇسۇل بىلەن قۇتقۇزۇشىغا 20 يىل كېتىدۇ» دېدى.

ئۇ نېتانياھۇنىڭ غەززەدە دۇچ كېلىدىغان مەغلۇبىيەت بىلەن سىياسىي كېلەچىكىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن باشلانغۇچ بولىدۇ» دېدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە قۇرۇقلۇقتىن كىرىشنى باشلىغان كۈندىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ 22 ھەربىي ئاپتوموبىلىنىڭ پاچاقلاپ تاشلىغانلىقلىرىنى، قاسسام بىرىگادىلىرى ئەزالىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە كۈچلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ تېخى باشلانغۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «غەززە دۈشمەننىڭ مازىرى بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، يېقىنقى كۈنلەردە غەززە دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن تورپىدالار بىلەن دېڭىزدىكى بەزى نۇقتىلارغا ھۇجۇم تەشكىللەنگەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر