مادۇرو ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو «29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى» ۋە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلىدى.

2057667
مادۇرو ئەردوغاننى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مادۇرو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، «سۇلتان ئەھمەد جامەسى» بىلەن «تۈركىيە بايرىقى» نى ھەمبەھىرلىگەن ھالدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى» ۋە «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى:

«ۋېنېزۇئېلادىن تۈركىيە خەلقى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا چوڭقۇر تەبرىكلىرىمىزنى يوللايمىز. ھۆرمەتكە سازاۋەر تارىخىي مىراسقا ئىگە دۆلەت بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 - يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر