ئەرمېنىيە رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

ئەرمېنىيە بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى.

2056537
ئەرمېنىيە رۇسىيەگە نوتا تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيەنىڭ «‹قانال 1› Pervıy Kanal»  تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلغان ۋە ئەرمېنىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇروكراتلىرىغا قارىتا «ھاقارەت ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بايانلار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىروگرامما سەۋەبىدىن رۇسىيەگە نوتا تاپشۇرۇلغان.

10-ئاينىڭ 23-كۈنى رۇسىيەنىڭ 1-قانىلىدا «نىكول پاشىنيان: بالايىئاپەت خەۋەرچىسى» نامى ئاستىدا سىياسىي مەزمۇندىكى پىروگرامما تارقىتىلغان.

پىروگراممىدا، قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى دائىرىسىدە، ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئاننا ئاكوپيان تەنقىد قىلىنغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «‹TRT Russian›  تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، باكۇ ھۆكۈمىتى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قاراباغدا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتى قوزغىغان. ئەزەربەيجان 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەرىكەتنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

 ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى قاراباغدىكى بۆلگۈنچى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ قورال تاپشۇرغاندىن كېيىن تارقىلىپ كېتىشىنى، ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭمۇ رايوندىن چىقىپ كېتىشىنى مەزمۇن قىلاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر