7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 1709ئىسىرائىلىيەلىك، 7028 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنى بومباردىمان قىلىشى 21-كۈنىگە قەدەم قويدى. بومباردىمان تۈنۈگۈن (26-ئۆكتەبىر) كېچىمۇ توختىماي داۋاملاشتى.

2056717
7-ئۆكتەبىردىن بۇيان 1709ئىسىرائىلىيەلىك، 7028 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى
hamas israil saldiri.jpg
İsrail-Fələstin müharibəsi...jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافا (WAFA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەززەنىڭ غەربىگە جايلاشقان شاتى مۇساپىرلار لاگېرىدىكى ئەل ئەبياد جامەسى بومباردىماندا ۋەيران بولغان، نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە يارىلانغان.

ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرى خان يۇنۇس، ئەششاتى مۇساپىرلار لاگېرى ۋە ئوخشىمىغان جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ بومباردىمان قىلدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى جەنىن ۋە نابلۇس شەھىرىدە ئېلىپ بارغان تىنىتىش ھەرىكەتلىرىدە، ئىككى پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، 12 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

خان يۇنۇس شەھىرىدە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە، 15 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، پەلەستىنلىك مۇخبىر ياسىر ئەبۇ نامۇس ۋە ئۇنىڭ ئانىسىمۇ جېنىدىن ئايرىلدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ھاماسنىڭ ھۇجۇملىرىدا 309 ئىسىرائىلىيە ئەسكىرى ۋە 1400 ئىسىرائىلىيە پۇقراسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 5 مىڭ 132 ئىسىرائىلىيەلىكنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھەر خىل ھۇجۇملىرىدا، 2 مىڭ 913 كىچىك بالا، 1 مىڭ 709 ئايال، 397 ياشانغان كىشى بولۇپ، جەمئىي 7 مىڭ 28 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 18 مىڭ 484 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى ۋە يەھۇدىي كۆچمەنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا 106 پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى.

توقۇنۇش رايونلىرىدا، كۆپىنچىسى  ئىسىرائىلىيەنىڭ بومباردىمانلىرىدا 25 مۇخبىر جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر