ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى «قوغلاپ چىقىرىش» تەكلىپى سۇنۇلدى

ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى، جەنۇبىي كارولىنا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تىم سكوت، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى «چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش» تەكلىپى سۇندى.

2056327
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى «قوغلاپ چىقىرىش» تەكلىپى سۇنۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتا ئەزاسى سكوت ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ھەققىدە فوكىس خەۋەرلىرى قانىلىغا بايانات بەردى.

سكوت ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوقۇم بەدەل تۆلىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ «چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشى» لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سكوت يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش ئۈچۈن 14 مىليارد 300 مىليون دوللار ياردەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 105 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە خامچوت تەلىپىنىمۇ تەنقىد قىلىپ،  ئىسرائىلىيە فوندىنىڭ باشقا فوندلارغا باغلانماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە: «مۇھىم نۇقتا ئىسرائىلىيە بولىشى كېرەك. ئىسرائىلىيە ئۈچۈن مۇستەقىل ياردەم پىلانىمىز بولىشى لازىم» دېدى.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولغان فلورىدا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيسى رون دېسانتىسمۇ ئىلگىرى پەلەستىننى قوللايدىغان ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى «پەلەستىنگە ئادالەت ئوقۇغۇچىلىرى» ناملىق گۇرۇپپىنى مەكتەپ قورىسىدىن چەكلەش قارارى چىقارغان ئىدى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسىم بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە  بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر