ئابدۇللاھيان: غەززەدىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋەزىيەت كونتىروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى، ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كونتىروللىقىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

2056239
ئابدۇللاھيان: غەززەدىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ۋەزىيەت كونتىروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى (ISNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇللاھيان ب د ت دىكى پەلەستىنگە دائىر پەۋقۇلئاددە يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىگە يېتىپ  بارغان ۋە ئاخباراتقا بايانات بەرگەن.

ئابدۇللاھيان باياناتىدا، «ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ زىئونىست ھاكىمىيەتنى قارىغۇلارچە قوللىشى بىلەن غەززە خەلقىگە قىلىنىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن، غەربىي ئاسىيا رايونىدىكى ۋەزىيەت بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىگە يەتتى. كونتروللۇق ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.

ئابدۇللاھيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بالدۇرراق توختىتىلىشى ۋە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يېتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى زېمىنىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسىم بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە  بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر