بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمەدىن كوناكوۋىچ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2056269
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلمەدىن كوناكوۋىچ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رەزەك نامورنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلدى.

بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك  باياناتىدا، «مىنىستىر كوناكوۋىچ پەلەستىن خەلقى ۋە دائىرىلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى مۇداپىئە قىلىشىنى شۇنداقلا قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ھەر قانداق جايدا ۋە ھەر قانداق  ۋاقىتتا بىگۇناھ پۇقرالارنى، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى شۇنداقلا ھەر خىل زوراۋانلىقلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېيىلدى.

كوناكوۋىچ باش ئەلچىگە بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنى تىنچ يول بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇش ھەمدە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدىكى بارلىق ئىجابىي تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشىتا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا بىلەن پەلەستىن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە «ياخشى ۋە دوستانە» دەپ باھا بېرىلدى، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسى تەكىتلەندى.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسىم بىرىگادىسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا تۇفانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە  بۇنىڭغا قارشى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان تۇقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر