لاۋروۋ: ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئىختىلاپى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2055164
لاۋروۋ: ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە ئىختىلاپى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن «3 + 3 فورماتى»دىكى «جەنۇبىي كاۋكازدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ رايونلۇق ھەمكارلىق سۇپىسى» يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەردى.

باكۇ ۋە ئەرىۋان ھەر ئىككىسىنىڭ قاراباغنىڭ ئەزەربەيجانغا تەۋە ئىكەنلىكىدە ھەمپىكىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ: «ھەل قىلىنمىغان ئاساسلىق مەسىلە بۇ ئىدى. ئىختىلاپ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى» دېدى.

لاۋروۋ تەكىتلەپ، ئەمدى نۆۋەتنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى تەييارلاش، چېگرالارنى بېكىتىش ۋە ھېچقانداق  توسالغۇسىز ھالدا قاتناش راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتنى تولۇق نورماللاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىي قەدەملىرىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىريۇسسېل بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ چېگراسىنى سىزىش مۇساپىسىگە تەسىر كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن لاۋروۋ، موسكۋانىڭ ئەرمەنلەر بىلەن ئەزەربەيجانلىقلار پايدىلىق دەپ قارايدىغان ھېچقانداق ئالاقىگە قارشى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ چېگرانى بەلگىلەش كومىتېتى قۇرغانلىقىنى، رۇسىيەنىڭ بۇ كومىتېتقا مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر