سىسى: «پەلەستىن مەسلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى، پۈتكۈل خەلقنى باشقا رايونلارغا ھەيدەش ئەمەس»

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فاتتاھ سىسى رافاھ چېگرا ئېغىزىنى بىر دەممۇ تاقىمىغانلىقىنى، ئەمما چېگرانىڭ پەلەستىن تەرىپىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانچىلىقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئۆتۈشىىگە توسقۇنلۇق قلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2054081
سىسى: «پەلەستىن مەسلىسىنى ھەل قىلىش چارىسى، پۈتكۈل خەلقنى باشقا رايونلارغا ھەيدەش ئەمەس»

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىسىردا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان شۇنداقلا غەززەنىڭ ۋەزىيىتى  مۇزاكىرە قىلىنىدىغان «قاھىرە تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى» باشلاندى.

مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىدى.

سىسى پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى كۆچمەنلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ھەل قىلىش چارىسى، پۈتكۈل خەلقنى باشقا رايونلارغا ھەيدەش ئەمەس. ئەكسىچە، بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى ئادالەتتۇر. پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز زېمىلىرىدا يەر يۈزىدىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەلىشى شۇنداقلا غۇرۇرى بىلەن بىخەتەر ھالدا مۇستەقىل دۆلىتىدە  ياشىيالىشىدۇر» دېدى.

سىسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن غەززەگە ياردەملەرنىڭ كىرىشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىلەن ماسلاشقان ھالدا رافاھ چېگرا ئېغىزىنىڭ داۋاملىق ئوچۇق تۇتۇلىشى ھەققىدە  كېلىشكەنلىكىنى  تەكىتلەپ، «بىز رافاھ چېگرا ئېغىزىنى بىر دەممۇ تاقىمىدۇق، ئەمما چېگرانىڭ پەلەستىن تەرىپىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ بومباردىمانچىلىقى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ ئۆتۈشىىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

سىسى پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ مىسىر بەدىلىگە تارقاقلاشتۇرىلىشنىڭ ھەرگىز ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىەپ،  غەززە رايونىدا يۈز بەرگەن مەجبۇرىي يەر - ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش ئۇرۇنۇشىغا قارىتا خەلقئارانىڭ سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر