كولومبىيە پەلەستىندە ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو دۆلىتىنىڭ پەلەستىندە ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2053599
كولومبىيە پەلەستىندە ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى <X>  تىكى ئادرېسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ بوگوتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گالى داگان ۋە پەلەستىننىڭ بوگوتادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رائۇلف ئەلمالىك بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

پىرېزىدېنت پېترو باش ئەلچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دۆلىتىنىڭ راماللاھتا ئەلچىخانا ئاچىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «مەن مۇستەقىل ۋە ئەركىن ئىككى دۆلەتنىڭ يولىنى ئاچىدىغان خەلقئارالىق تىنچلىق يىغىنى ئېچىش توغرىسىدىكى مەيدانىمنى ئىپادىلىدىم. مەن تىنچ ياشىشى كېرەك بولغان، شۇنداقلا بۇ ھوقۇقلارغا ئىگە ئىسرائىلىيەلىك ۋە پەلەستىنلىك بالىلار بىلەن ھەمنەپەس ئىكەنلىكىمنى تەكىتلىدىم. غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان بىر ئايروپىلان ئەۋەتىمىز. كولومبىيە پەلەستىننىڭ راماللاھ شەھىرىدە ئەلچىخانا ئاچىدۇ» دېدى.

ئۇ 9- ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ X تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماس (پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى)نىڭ ھۇجۇمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلىنى تەنقىد قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن پېترو: «پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىنىڭ بىردىنبىر يولى ئىسرائىلىيەلىك بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىدۇر. ئىسرائىلىيەلىك بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىنىڭ بىردىنبىر يولى پەلەستىنلىك بالىلارنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر