<BBC> «قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىق ئېنىقلىما» ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى ، پەلەستىن مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك «قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىق ئېنىقلىما» ئىشلەتكەنلىكىنى نارازىلىقلار كۈچەيگەندىن كېيىن ئېتىراپ قىلدى.

2052125
<BBC> «قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىق ئېنىقلىما» ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيەدە پەلەستىننى قوللاپ ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قارىتا «ھاماسنى قوللاش يۇرىشى» دەپ ئېنىقلىما ئىشلەتكەن ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى <BBC>، نارازىلىقلار كۈچەيگەندىن كېيىن «قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىق ئېنىقلىما» ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

<BBC> نىڭ كۈندۈزلۈك خەۋەرلىرىدە ئەنگىلىيە مىقياسىدىكى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قارىتا «ھاماسنى قوللاش يۈرىشى» دەپ ئېنقلىما ئىشلىتىشى  قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.

قاتتىق تەنقىدلەردىن كېيىن، <BBC> نىڭ دىكتورى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 18:00 ئەتراپىدا باشلانغان پوروگراممىدا، «ھاماسنى قوللاش يۈرىشى» دېگەن ئېنىقلىما ئۈستىدە توختىلىپ  مۇنداق دېدى:

«بىز ئەنگىلىيە مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە كىشىلەر ھاماسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن نامايىشلارنى تىلغا ئالغان ئىدۇق. بۇنىڭ سەلەبىي ئېنىقلىما بولغانلىقىنى ۋە پەلەستىننى قوللايدىغان نامايىشلار ھەققىدە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىق ئېنىقلىما بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز»

ئەنگىلىيە مىقياسىدا ئالدىنقى ھەپتەنىڭ ئاخىرى نۇرغۇن شەھەرلەردە ئونمىڭلىغان كىشى پەلەستىنگە ھەمدەم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە نۇرغۇن قېتىم نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر