ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتا 455 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تۈنۈگۈن (14-ئۆكتەبىر) ئىشغال قىلىنغان قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا 55 پەلەستىنلىكنى تۇتقۇن قىلدى.

2051159
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتا 455 كىشىنى تۇتقۇن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: پەلەستىن مەھبۇسلار جەمئىيىتىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى شەرقىي قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەر ۋە يېزىلىرىدا تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان بولۇپ، ھەرىكەت جەريانىدا 55 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان قۇددۇس ۋە غەربىي قىرغاقتا تۇتقۇن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 455 كە يەتكەن.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى قاسسام  بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئاتقاندىن باشقا يەنە، قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىمۇ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن غەززە رايونىغا قارشى «تۆمۈر قىلىچ» ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا، ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر