«Starlink» سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ سھەربىي نۇسخىسى سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى

ئامېرىكا ئارمىيەسى ئېلون ماسكنىڭ «Starlink» سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ ھەربىي نۇسخىسى بولغان «Starshield» نىڭ سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2050046
«Starlink» سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ  سھەربىي نۇسخىسى سىناقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹The Defence Post› گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسى بىخەتەر تور شەكىللەندۈرۈش مەقسىتىدە يەر شارىنىڭ تۆۋەن ئوربىتىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھلاردىن پايدىلىنالايدىغان  «Starlink» سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىڭ ھەربىي نۇسخىسى بولغان «Starshield» نى سىناق قىلغان.

پولكوۋنىك بىرانون تاگې باش ئىشتابتا ئۆتكۈزۈلگەن سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق  دېگەن:

«نۆۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش سېستىمىمىز بار، لېكىن <Starshield> ئېھتىياج چۈشكەن ئەھۋال ئاستىدا زاپاس  خەۋەرلىشىش سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشىمىز ئۈچۈن، يەنە بىر سىستېما سۈپىتىدە قول ئىلكىمىزدە بولىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، «دۈشمەنلەر» ئاساسلىق خەۋەرلىشىش سىستېمىلىرىنى بۇزۇۋەتكەن تەقدىردە، بۇ سىستېما زاپاس خەۋەرلىشىش تورى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىكەن.

ئامېرىكا ئارمىيەسى «Starshield» سىستېمىسىنى كېلەر ئايدا ھاۋاي ئىشتاتىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىناق قىلىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر