خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سۈرىيە ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزگە قاراپ چىقىشنى باشلىدى

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى گوللاندىيە بىلەن كانادانىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن سۇنغان ئەرزگە قاراپ چىقىشنى باشلىدى.

2048876
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى سۈرىيە ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزگە قاراپ چىقىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى گوللاندىيە بىلەن كانادانىڭ «سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ 1984- يىلى ئېلان قىلىنغان قىيىن- قىستاققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۇنغان ئەرزىگە قاراپ چىقىشنى باشلىدى.

سوتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە ئىشلىرى دىرېكتورى بالقېس جەرراھ سۆز قىلىپ: «سوت مەھكىمىسى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، ۋەھىمىلىك شەرت – شارائىتلار ئاستىدا ئازاب - ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ھاياتى ئېغىر خەتەر ئىچىدىكى سۈرىيەلىكلەرگە داۋاملىق زىيانكەشلىك قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك» دېدى.

كانادا بىلەن گوللاندىيە 6- ئاينىڭ 8- كۈنى ئىچكى ئۇرۇش باشلانغان 2011 – يىلىدىن بۇيان سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قىيىن – قىستاق، زۇلۇم، غەيرىي ئىنسانىي ۋە ياكى كەمسىتىش مۇئامىلىلىرىنى سادىر قىلغانلىقى ياكى جازالارنى يۈرگۈزگەنلىكىنى، بۇنىڭ ب د ت ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر