غەرب رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنى قوللاپ بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ئەنگىلىيە رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنى قوللاپ  بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلدى.

2048910
غەرب رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيەنى قوللاپ بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز، ئىتالىيە باش مىنىستىرى گىئورگىيا مېلونى ۋە  ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك قاتارلىق غەرب رەھبەرلىرى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشىغا  ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلدى.

بىرلەشمە باياننامەدە، رەھبەرلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى، ھاماسنى قەتئىي ئەيىبلەيدىغانلىقى بايان قىلىندى. شۇنداقلا رەھبەرلەرنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى ۋە خەلقىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقى، بۇ دۆلەتكە دۈشمەن بولغان ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ  بۇ ھۇجۇملارنى ئەۋزەللىك سۈپىتىدە ئىشلىشىگە قارشى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:

«ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە، بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغدىيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاخىرىدا ۋەزىيىتى تىنچ، بىر گەۋدىلەشكەن ئوتتۇرا شەرق رايونى بەرپا قىلىشنىڭ زېمىنىنى ھازىرلاش مەقسىتىدە  ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ  دوستلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىر گەۋدە ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىمىز.»

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام قىسىملىرى شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە «ئاقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە رايونى ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە 704 كىشى قازا قىلغان ۋە تەخمىنەن 4000 كىشى يارىلانغان.

قامال ئاستىدىكى غەززە رايونىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا  قازا قىلغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ سانى 900 دىن ئېشىپ كەتكەن، 157 نەپىرى ئېغىر 2616 ئىسرائىلىيەلىك يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر