بلىنكېن نىگېرنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن نىگېرىيەنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

2048786
بلىنكېن نىگېرنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن پىرېزىدېنت بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ نىگېردىكى ۋەقەلەرنى «ھەربىي ئۆزگىرىش» دەپ ئېلان قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، نىگېرىيەنىڭ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماتېۋ مىللېر (Matthew Miller)  نىڭ باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئانتونى بلىنكېن كۆرۈشۈشتە «دېموكراتىيەنىڭ ئەھمىيىتى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇ ئامېرىكانىڭ نىگېردە ئارمىيە ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئادالەتسىزلەرچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ 26-ئىيۇل (2023) نىگېردا ئارمىيەنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانلىقىنى «ھەربىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاش قارارىنى چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ نىگېرنىڭ ئافرىقا دېڭىز قىرغاقلىرى رايونلىرىدا تېررورلۇققا قارشى كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلاردا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى سەۋەبىدىن، نىگېردىكى ۋەقەلەرنى «ھەربىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتاشنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى.

نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇل پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇھاپىزەتچى باتالىيونى تەرىپىدىن نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە شۇ كۈنى ئاخشىمى ئارمىيە ئۆزگىرىش قوزغىغان ئىدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچى باتالىيونىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇرراھمانې تچيانى 28-ئىيۇل ھەربىي پۇقرالاردىن تەركىب تاپقان 21 كىشىلىك ئىچكى كابېنتنىڭ قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر