رۇسىيە جەنۇبىي قىبرىسقا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

رۇسىيە بىر رۇس ژۇرنالىستنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە بىر رۇس دىپلوماتنىڭ يارىلىنىشى سەۋەبىدىن جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى.

2047536
رۇسىيە جەنۇبىي قىبرىسقا ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، جەنۇبىي قىبرىس رۇم دائىرىلىرىنىڭ <موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى> كىپروس يورگالىسنىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە تەرەپ جەنۇبىي قىبرىس رۇم تەرىپىدە «روسسىسكايا گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى ئالېكساندىر گاسيۇكنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە جەنۇبىي قىبرىس رۇم  تەرەپ بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر دىپلوماتنى يارىلاندۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەييارلىغان ئۇلتىماتومىنى يورگالىسقا تاپشۇرغان.

يورگالىسقا رۇسىيەلىك ژۇرنالىستنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ۋە ۋەقەدىن رەسمىي يوسۇندا كەچۈرۈم سورىلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

باياناتتا: «بۇ قۇتراتقۇلۇقنىڭ تەشكىللىنىشىدە غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قولى بارلىقىغا ئىشىنىشكە ئاساسىمىز بار» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر