ھىندىستاندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 30 ئادەم قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ سىككىم ئۆلكىسىدە مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 23 نەپىرى ئەسكەر بولۇپ، جەمئىي 30 ئادەم قازا قىلدى.

2046358
ھىندىستاندا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 30 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىككىم ئۆلكىلىك تەبىئىي ئاپەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئورگىنى باش دېرىكتورى پراباكار راي، لاچېن رايونىدا سۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىپ، كەلكۈن ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

راي، دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، يەتتە ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ھىندىستان ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، رايوندىكى ھەربىي بازىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 23 ھەربىي خادىمنىڭ كەلكۈندە يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بېنگالنىڭ بەزى رايونلىرىدىمۇ كەلكۈندىن ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، كەلكۈننى «مۇزلۇق كۆلنىڭ تېشىپ كېتىشى» سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراۋاتقان دائىرىلەر، ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر