فىرانسىيەنىڭ «‹L'Observatoir› گېزىتى» پ ك ك/ي پ گ ھەققىدە ھەيران قالارلىق ئانالىز ئېلان قىلدى

فىرانسىيەنىڭ «‹L'Observatoir› گېزىتى» بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ھەققىدە ھەيران قالارلىق ئانالىز ئېلان قىلدى.

2046162
فىرانسىيەنىڭ «‹L'Observatoir› گېزىتى» پ ك ك/ي پ گ ھەققىدە ھەيران قالارلىق ئانالىز ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپكە كىرگۈزدى.

تۈركىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان فىرانسىيە تاراتقۇلىرىمۇ بۇ ھەقتە ھەيران قالارلىق ئانالىزلارنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹L'Observatoir› گېزىتى»، «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نۆۋەتتە تۈركىيە تېرروتېرىيەلىرىدە بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، شۇڭا پ ك ك/ي پ گ ھازىر پۈتۈن دىققىتىنى سۈرىيەنىڭ شىمالىغا مەركەزلەشتۈرمەكتە» سەرلەۋھىلىك ئانالىز ئېلان قىلدى.

ئانالىزدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ تۈركىيەدە ئىنتايىن ئاجىز ھالەتتە ئىكەنلىكى، گەرچە قوللىغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئەمما رايون كونتروللۇقىنىڭ يوقلۇقى، چۈنكى قورال - ياراغ ئىسكىلاتلىرىنىڭ  يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەنلىكى ۋە تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى، ياكى قوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەنلىكى تەكىتلەندى.

گېزىت ئانالىزىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىگە ئورۇن ئاجرىتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «تۈركىيە  يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ گە قارشى كۈرەشتە ھاۋا تەۋەلىكىدىكى  ئوت كۈچىدىن، بولۇپمۇ <Bayraktar TB2> ناملىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانماقتا.»

ئانالىزدا، تۈركىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نى ئىز قوغلاشتا زور قەدەملەرنى تاشلۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ دىققىتىنى شىمالىغا مەركەزلەشتۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر