تالىبان رايون دۆلەتلىرىنى ئۆزى بىلەن «رەسمىي ھەمكارلىق» ئورنىتىشقا چاقىردى

ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتى رايون دۆلەتلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن رەسمىي ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىردى.

2044327
تالىبان رايون دۆلەتلىرىنى ئۆزى بىلەن «رەسمىي ھەمكارلىق» ئورنىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىرخان مۇتتەقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە چاقىرىلغان ئافغانىستان توغرىسىدىكى 5- نۆۋەتلىك «موسكۋا فورماتى» يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بولۇپمۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىزگە ئوخشىمىغان ھۆكۈمەت شەكلىنى تەۋسىيە قىلىشنى قويۇپ، بىز بىلەن ھەر ساھەدە رەسمىي ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ رايون خاراكتېرلىك قاتناش تۈرلىرىنى ئافغانىستانغا مەركەزلەشتۈرۈش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە بارلىق زۆرۈر قولايلىقلارنى يارىتىپ بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇتتەقى ئۆتكەن ئىككى يىلدا ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ياردەمگە موھتاج بولماستىن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقلىرىنى، خامچوتنى مۇستەقىللەشتۈرگەنلىكلىرىنى، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىقلىرىنى، سودىنى كۈچەيتكەنلىكلىرىنى، دۆلەت تەۋەلىكىنى بېسىپ ئۆتۈش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئافغانىستاندىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئاساسىنى قايتا قۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن مۇتتەقى، تالىباننىڭ ئۆكتىچى تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەشنى تېزلىتىپ، «دائېش»نىڭ بارلىق پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئافغانىستان زېمىنلىرىنىڭ دۇنياغا، بولۇپمۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە ھېچقانداق تەھدىت ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆتكەن 45 يىلدا ئاتالمىش ​​سىغدۇرۇشچان ھۆكۈمەتلەر ئۇقۇمىنىڭ ھېچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمىغانلىقىنى بايان قىلغان مۇتتەقى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ خەلقنىڭ دىنى، تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە سىياسىي رېئاللىقىنى نەزەرگە ئالغان دىنىي ۋە مىللىي قانۇنىيلىققا ئىگە ھۆكۈمەت قۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان، ئىران، پاكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكسىتان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلغان تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازاندىكى يىغىنغا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتار ۋەكىل ئەۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر