ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا بېن كاردىن تەيىنلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسىلىكىگە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كاردىن تەيىنلەندى.

2044205
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ باشلىقلىقىغا بېن كاردىن تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلگىرى ئاۋام پالاتا ئەزاسىمۇ بولغان، 2007 – يىلىدىن بۇيان كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مارىلاند ئىشتاتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى بېن كاردىن، باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ تاشقى مۇناسىۋەتتىكى «گېپى بىر يەردىن چىققىنىدا» تېخىمۇ كۈچىيدىغانلىقى قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە كېڭەش پالاتا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ بۇ جەھەتتە «ئاكتىپ ۋە ئىككى پارتىيەلىك» خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەن كىشىلىك ھوقۇق، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ياخشى باشقۇرۇشنىڭ ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن يىللىق خىزمىتىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمەن. بىزنىڭ ئالدىمىزدا قىلدىىغان نۇرغۇن ئىشىمىز بار» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى كاردىن كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى ۋە ئامېرىكا خېلسىنكى كومىتېتىغا رەھبەرلىك قىلغاندىن باشقا، 2015 – يىلىدىن بۇيان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارلامېنت  ئەزالىرى ئانسامبىلىنىڭ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش، ئىرقچىلىق ۋە كۆرەلمەسلىك مەسىلىلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى بولغان.

كاردىن يەنە ئامېرىكا چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە كېڭىشىنىڭ ئەزاسى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى بوب مېنېندېز پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر