پاكىستاننىڭ ئىككى ئىشتاتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ بېلۇچىستان ۋە خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتلىرىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 57 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ساقچى بار.

2044194
پاكىستاننىڭ ئىككى ئىشتاتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بېلۇچىستاننىڭ ماستۇنگ رايونىدىكى بىر جامە ئەتراپىدا مەۋلۇت كېچىسىنى تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەر توپلاشقان مەيداندا بومبا پارتلىدى.

تېررورلۇق ھۇجۇمىدا،  بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 130 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

مەسئۇل دائىرىلەر، ھۇجۇمنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھازىرغىچە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھېچقانداق تەشكىلات ۋە شەخس ئۈستىگە ئالمىدى.

خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىغا قاراشلىق خانگۇ رايونىدىمۇ بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. بۇ ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 12 كىشى يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر