ئىراقتىكى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 100 ئادەم قازا قىلدى

ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدىكى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 100 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2042763
ئىراقتىكى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 100 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موسۇل سەھىيە باشقارمىسى مۇئاۋىن مۇدىرى ئەھمەد ھەمدانى مەھەللىي تاراتقۇلارغا بايانات بېرىپ، موسۇلنىڭ ھەمدانىيە ناھىيەسىدىكى بىر توي زالىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 100 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 500 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېتىلداقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە توي زالىدا 800 ئادەم بار ئىكەن.

ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايغا ئەتراپتىكى ۋىلايەتلەردىن نۇرغۇنلىغان ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكى، ئىراق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلئەمىر شەممارىنىڭمۇ رايونغا بارىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر