ئەرمېنىيەدە سەككىز كىشى ھوقۇقنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

ئەرمېنىيەدە سەككىز كىشى ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ھەمدە باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2041761
ئەرمېنىيەدە سەككىز كىشى ھوقۇقنى مەجبۇرىي تارتىۋېلىشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئەرمەن پىرېس، ئەرمېنىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىلەن تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى ئىچكىرىلەپ ئېنىقلاش ئارقىلىق يەتتە نەپىرى «<ئەھلى سەلىپ> ھەربىي ۋەتەنپەرۋەرلەر جەمئىيىتى تەشكىلاتى» ئەزاسى بولۇپ، جەمئىي سەككىز ئادەمنىڭ قوللىرىدىكى قورال ۋە ئوق - دورىلارنى  باش مىنىستىر نىكول پاشىنيان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا قارشى جىنايى قورال قىلىپ ئىشلىتىپ، ھوقۇقنى تارتىۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى پاش قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ سالاھىيەتلىرىنى ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلمىگەن شەكىلدە زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىكەن.

تەكشۈرۈش جەريانىدا يانلىرىدىن ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى، ئالاقە توسۇش ئۈسكۈنىلىرى، قورال ۋە ئوق - دورا تېپىلغان مەزكۇر كىشىلەر دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەرمېنىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ ئەرىۋاننىڭ سابىق شەھەر باشلىقى، «پىدائىي قوغدىغۇچىلار بىرلەشمىسى» تەشكىلاتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئالبېرت بازېيان بولۇپ، ئۇ باش مىنىستىر نىكول پاشىنياننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەردە، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مەزكۇر كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر