بلىنكېن: ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى مەسىلىسىدە باكۇنى قوللايمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە باكۇنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2041173
بلىنكېن: ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى مەسىلىسىدە باكۇنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇ يورك شەھىرىدىكى لوت پالىس مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىر مۇخبىرنىڭ مۇنۇ سوئالىغا جاۋاب بەردى: «ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكىنىڭىزدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدىڭىز. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاراباغ قاتارلىق رايونلاردا ئەزەربەيجاننىڭنىڭمۇ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلامدۇ ۋە قوللامدۇ؟»

بلىنكېن ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى قاراباغ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ھەپتە ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ئۇچرىشىشلاردا بۇ ھەپتە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قورال كۈچى ئىشلىتىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بلىنكېن ئادىل ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە زور پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى بۇنداق تىنچلىق ئۈچ يىللىق توقۇنۇشتىن كېيىن تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ياخشى تەرەپكە قاراپ يۈزلەندۈرىدۇ.»

مىنىستىر بلىنكېن بۇ مەسىلە توغرىسىدا تەرەپلەر ۋە  ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئەزەربەيجان ۋە قاراباغدىكى ئەرمەنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار، سۆھبەتلەر ۋە دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ھەممە تەرەپنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر