ئامېرىكا: ئافغانىستانلىقلارغا ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نۆۋەتتە بۇ دۆلەت ياشاۋاتقان تەخمىنەن 14 مىڭ 600 ئافغانىستانلىققا ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2040994
ئامېرىكا: ئافغانىستانلىقلارغا ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بېرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، 2022-يىلى 15-مارتتىن 2023-يىلى 20-سېنتەبىرگىچە بۇ دۆلەتكە كىرگەن ئافغانىستانلىق كۆچمەنلەرگە ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 14 مىڭ 600 ئافغانىستانلىق بەھرىمەن بولالايدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۆۋەتتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ۋاقىتلىق قوغدىلىۋاتقان 3100 ئافغانىستان پۇقراسىنىڭ ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتىنىڭ مۇددىتى 18 ئاي ئۇزارتىلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېجاندرو مايوركاس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى بۇ ۋاقىتلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئارقىلىق ئافغانىستان پۇقرالىرىنى داۋاملىق قوغدايدۇ.»

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن نۆۋەتتە بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان 472 مىڭ ۋېنېزۇئېلالىققىمۇ ۋاقىتلىق قوغداش سالاھىيىتى بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر