پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەپ، رايونلار ئارا ئالاقىدە ئاكتىپ رول ئويناشنى قارار قىلدى.

2040372
پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان مۇۋەققەت ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئەنۋارۇلھەق كاكار 78- نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆزبېكسىتان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، پاكىستان بىلەن ئۆزبېكسىتاننىڭ سىياسەت، سودا، ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ۋە قاتناش لىنىيەلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى قايتا تەكىتلەپ، رايونلار ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش يولىدا رول ئويناشنى قارار قىلغان.

كاكار پاكىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقتىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى دۆلەت ئىمزالىغان سودىدا ئېتىبار قىلىش كېلىشىمى ۋە ئۆتكۈنچى سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ سودىنى ۋە بېسىپ ئۆتۈش سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كاكار، ئىسلامئابادنىڭ ئافغانىستاننى بېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈر يول تۈرىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئىرادىسىنى قايتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ئۇ يەنە، رايون خاراكتېرلىك قاتناش تۈگۈنى، سودا ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ ئافغانىستاننى مۇقىملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئاخىرىدا، ئىككى رەھبەر رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر