ئەنگىلىيە ئۇكرائىناغا زەمبىرەك ئوقى ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

ئەنگىلىيە بۇ يىل ئۇكرائىنانى يەنە ئونمىڭلىغان زەمبىرەك ئوقى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى.

2039828
ئەنگىلىيە ئۇكرائىناغا زەمبىرەك ئوقى ياردەم قىلىشقا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ئۇكرائىنانى 300 مىڭدىن ئارتۇق زەمبىرەك ئوقى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە ئونمىڭلىغان زەمبىرەك ئوقى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن.

ئەنگىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گرانت شاپپس گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئەنگىلىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان تەۋرەنمەس مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاپپىس ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشتە شېرىكلەرنىڭ شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەمكارلىقىنىمۇ مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگىلىيە مىنىستىرى شاپپس يىغىن دائىرىسىدە ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروۋ بىلەن ئۆزئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر