نېنان نېسىج: ئەزالىق مۇساپىسى ئۇزىراپ كەتسە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە نىسبەتەن مەنىسىنى يوقىتىدۇ

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا بىخەتەرلىك مىنىستىرى نېناد نېسىج، ئەگەر دۆلىتى 2030 - يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن مەنىسىنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2039594
نېنان نېسىج: ئەزالىق مۇساپىسى ئۇزىراپ كەتسە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە نىسبەتەن مەنىسىنى يوقىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېناد نېسىج پايتەخت سارايېۋودا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلىقى يوھان ساتتلېر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ساتتلېر بىلەن تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن نېسىج: «ئەگەر بىز 2030 - يىلىغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالمىساق، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزگە نىسبەتەن مەنىسىنى يوقىتىدۇ. بۇ بارلىق ئەمەلدارلىرىمىزنىڭ ئېنىق ئۇچۇرى بولۇشى كېرەك. ئۇلار ماڭا <بۇ بىر جەريان> دەۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭ بىر جەريان ئىكەنلىكىگە قوشۇلىمەن، ئەمما ھەر بىر جەرياننىڭ ئاخىرلىشىدىغان نۇقتىسى بار. بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۇتىشىدىغان يولىمىزمۇ چوقۇم ئىجابىي ئاخىرلىشىشى كېرەك» دېدى.

نېسىج بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ تەرتىپسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا چېگراسىنى قوغدىشىنى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىكنىڭ بىر قىسمى بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىتتىپاققا تولۇق ئەزا بولۇش ئارزۇسىنىمۇ چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى قانداق قوغداشنى بىلىدىغانلىقلىرىنى، ھېچكىمنىڭ خەتەرگە دۇچار بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقلىرى»نى ئەسكەرتكەن نېسىج، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۈگۈن بىز بۇ يەردە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىۋاتىمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ ئەزالىق مۇساپىمىزدەەپىرىمىزدە بىزگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ساتلېر تەرتىپسىز كۆچمەنلىك توغرىسىدا توختلىپ: «بۇ بىزنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتىمىز. ئەلۋەتتە، تېخىمۇ كۆپ يۈكنى ئۈستىگە ئېلىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەت بار. بۇ بىر ئورتاق ۋەزىپە بولۇپ، بىز داۋاملىق بىرلىكتە تىرىشىمىز» دېدى.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا 2022 - يىلى 15 - دېكابىر «كاندىدات دۆلەت» سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش مۇساپىسىدە مۇھىم قەدەم تاشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر