لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 3958 كىشى قازا قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 3 مىڭ 958 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2039195
لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 3958 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، كەلكۈن ئاپىتىدە 3 مىڭ 958 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى 16-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان  دوكلاتىدا، لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 11 مىڭ 300 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 3 مىڭ 958 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يوقاپ كەتكەن.

ب د ت خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى (IOM) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، لىۋىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

كەلكۈن ئاپىتىدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان دەرنە شەھىرى قاتارلىق جايلاردا زىيارەت قىلىش چەكلىمىسى سەۋەبىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش قىيىن بولغانلىقتىن، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

دەرنە شەھىرىدە كەم دېگەندە 30 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تەخمىنەن 300 مىڭ بالا ئىچ سۈرۈش، خولېرا ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك خەۋىپىگە، شۇنداقلا زوراۋانلىق ۋە خورلىنىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەركىزىي جىددىي قۇتقۇزۇش فوندىدىن لىۋىيەگە 10 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتقان، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى لىۋىيەگە 71 مىليون 400 مىڭ دوللارلىق «جىددىي قۇتقۇزۇش» ياردىمى بېرىشكە چاقىرغان.

ئىگىلىنىشچە، لىۋىيەدە 884 مىڭ ئادەم ياردەمگە، بۇلاردىن 250 مىڭ كىشى جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر