ئىراندىكى ئاياللار تۈرمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

ئىراننىڭ تېھران ئۆلكىسىگە جايلاشقان كەرچەك ئاياللار تۈرمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

2038529
ئىراندىكى ئاياللار تۈرمىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈرمىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا نازارىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ كارىۋات ۋە كىيىملىرىنى كۆيدۈرۈشى، ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان.

ئەدلىيە ئورگىنىغا قاراشلىق مىزان خەۋەر ئاگېنتلىقىمۇ ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى ياكى  ۋە ماددىي زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

دائىرىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئارىلىشىشى بىلەن ئوتنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆچۈرۈلگەنلىكى ۋە تۈرمىدىكى ئەھۋالنىڭ نورمال ھالەتكە كەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر