پاكىستاننىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

پاكىستاندا ئاۋام مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى (AML) پارتىيەسى رەھبىرى، سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ راشىد ئەھمەد نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

2038769
پاكىستاننىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ «گېئو خەۋەرلەر» قانىلى، سابىق باش مىنىستىر ئىمران خان بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن كىشىلەرنىڭ بىرى بولغان شەيخ راشىد ئەھمەدنىڭ پايتەخت ئىسلامئابادقا قوشنا شەھەر راۋالپىندىدىكى ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شەيخ راشىد ئەھمەدنىڭ ئادۋوكاتى سەردار ئابدۇرراززاق ئاۋام مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى پارتىيەسى رەھبىرى ئەھمەدنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر