خىتاي ئامېرىكانىڭ ئىككى مۇداپىئە شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى

خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقى دە -تالىشى قىلىۋاتقان تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىنى باھانە قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىككى مۇداپىئە شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى.

2038562
خىتاي ئامېرىكانىڭ ئىككى مۇداپىئە شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ <Lockheed Martin>  تاملىق شىركەت تارمىقىغا ۋە <Northrop Grumman> شىركىتىگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش ئىشتابى مىسسۇرى ئىشاتىنىڭ ساينت لۇئىس شەھىرىگە جايلاشقان <Lockheed Martin> شىركىتىنىڭ رادار ئىشلەپچىقارغۇچى تارمىقىنىڭ 24 - ئاۋغۇستتا ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى تەستىقلانغان F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى ئەسلىھەلىرىنى سېتىشتىكى ئاساسلىق ھۆددىگەر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان خىتاي باياناتچىسى ماۋ، <Northrop Grumman> شىركىتىنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە كۆپلەپ قورال سېتىشىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ماۋ تەيۋەنگە قورال سېتىشنىڭ بىر خىتاي پرىنسىپى ۋە خىتاي-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ئۈچ بىرلەشمە خىتابنامىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي ئۆلچەملىرىگە زىت ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى ئاياق ئاستى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگىتون ھۆكۈمىتى 24-ئاۋغۇستتا تەيۋەنگە 500 مىليون دوللارلىق F-16 ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئىزدەش ۋە ئىز قوغلاش سىستېمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى تەستىقلىغان ئىدى.

خىتاي 2022-يىلى سىنتەبىردە تەيۋەنگە 1 مىليارد 100 مىليون دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىشتا ھەسسىسى بولغان ئامېرىكا بوئىڭ مۇداپىئە شىركىتى ۋە رايتېئون شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى تېد كولبېرت بىلەن گرېگ خايېسقىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى.

خىتاي ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىۋاتقان تەيۋەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيان ئەمەلىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولۇپ بولغان بولۇپ، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى  ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن شەكىللەنگەن بۇ ئايرىلىش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

خىتاي بولسا، <بىر خىتاي پىرىنسىپى>نى تەكىتلەپ، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشىگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر