گىرېتسىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى
گىرېتسىيەدە 5-سېنتەبىر باشلانغان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن تەسەليا رايونىدا ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتتى.
2038329
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گرېتسىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى <AMNA> نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە پىليودىن تېپىلغان ئىككى جەسەتنىڭ <DNA> ئەۋرىشكىسىنىڭ كەلكۈن ئاپىتىدە يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئاۋسترىيەلىك ئەر-ئايالغا تەۋە ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. شۇنداق قىلىپ، كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 17 گە يەتكەن.
كەلكۈن سەۋەبىدىن تەساليادا 750 مىڭدىن گېكتاردىن ئارتۇق يەر سۇ ئاستىدا قالغان ھەمدە رايوندىكى ئولتۇراق رايونلار، دېھقانچىلىق يەرلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەر ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.